ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى گرۇزىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ساكاشۋېللىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 17:32

ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لىسسىنكو 6-دېكابىر «فېيىسبوك»تا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گرۇزىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ساكاشۋېللى جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى، ئۇ ئۇكرائىنا ساقچىلىرى ۋە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ.

ئۇكرائىنانىڭ باش تەپتىشى لۇچىنكو 5-دېكابىر مۇنداق دېدى: ئىسپاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ساكاشۋېللى رەھبەرلىك قىلغان ئۆكتىچى پارتىيە «يېڭى كۈچ ھەرىكىتى» ئىلگىرى ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى يانوكوۋېچنىڭ قوللىغۇچىسى كورچېنكونىڭ 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى راسخوت ياردىمىگە ئېرىشكەن.