لىۋىيە 2018-يىللىق چوڭ سايلامغا تىزىملىتىش باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 17:37

لىۋىيە ئالىي دۆلەت سايلام كومىتېتى 6-دېكابىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 2018-يىللىق لىۋىيە چوڭ سايلىمىغا مەملىكەت بويىچە سايلىغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى بۈگۈندىن ئېتىبارەن باشلاندى. سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سايلام كومىتېتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ياردەم بېرىشكە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكى بىلەن بىر كېلىشىم ئىمزالىدى. سايلام كومىتېتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كومىتېتنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

ئالتە يىلدىن كۆپرەك دۆلەتنىڭ مالىمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن لىۋىيە ئاممىسىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئانچە يۇقىرى بولمىدى. 2012-يىلى پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشقان لىۋىيەلىكلەر ئىككى مىليون 700 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 42 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن، 2014-يىلىدىكى سايلامغا قاتناشقانلارنىڭ سانى ئاران بىر مىليون 500 مىڭ بولغان ئىدى.