جۇڭگو ۋە سۇرىيەنىڭ سىياسەت سودا ساھەسىدىكى زاتلار ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 17:39

جۇڭگو بىلەن سۇرىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى سۆھبەت يىغىنى 6-دېكابىر سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان زاتلار: يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن سۇرىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسى مۇقىم قەدەم بىلەن ئاشتى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق دەپ قارىدى.

جۇڭگونىڭ سۇرىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جۇڭگو بىلەن سۇرىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا غايەت زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. جۇڭگو تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جۇڭگو بىلەن سۇرىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك بىۋاسىتە سودا سوممىسى 810 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 17.6 پىرسەنت ئاشقان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ نەچچە ئون كارخانىسى سۇرىيەگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە سۆھبەتلەشتى. بۇ ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىلىدۇ.