زىمبابۋې زۇڭتۇڭى: مۇگابىنىڭ پاراۋانلىقى ۋە بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 17:51

زىمبابۋې زۇڭتۇڭى ئېمېرسون مىنانگاگۋا 12-يانۋار تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: سابىق زۇڭتۇڭ مۇگابىنىڭ پاراۋانلىق ۋە بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، بۇ يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مىنانگاگۋا شۇ كۈنى ئانگۇلانىڭ پايتەختى رۇئاندادا ئانگولا زۇڭتۇڭى رون لورېنزو بىلەن سۆھبەتلىشىپ، زىمبابۋېنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تونۇشتۇردى. سۆھبەتتىن كېيىن، مىنانگاگۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز تىنچ ھاكىمىيەت ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملاپ بولدۇق. بىز مۇگابى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئوبدان خەۋەر ئالىمىز. ئۇ بىزنىڭ دۆلەت ئاتىمىز، بىزنىڭ ئىنقىلاب سىمھولىمىز، بىز ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىمىز.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇندىن بۇرۇن ئارمىيە دائىرىلىرى قوللانغان ھەربىي ھەرىكەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تازلىۋېتىلدى.