تىرامپ: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى جازانى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ۋاقتى ئۇزارتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 17:52

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 12-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى جازانى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ۋاقتى ئۇزارتىلدى، مەن ئىراننى يادرو كېلىشىمىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى دەپ جەزملەشتۈرەلمەيمەن.

تىرامپ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدە «ئاپەت خاراكتېرلىك نۇقسان بار»، مەن ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن كېلىشىمنىڭ ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆپەيتىشىگە چەك قويۇشنى تەلەپ قىلدىم.

تىرامپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى جازانى كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى تۈزىتىشكە قوشۇلۇش ئۈچۈن بېرىلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر پۇرسەت. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ناۋادا ئامېرىكا كۈتكەندەك كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، ئامېرىكا كېلىشىمدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىدۇ.

تىرامپ ئىلگىرى: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى جەزملەشتۈرەلمەيمەن دېگەن ئىدى.