رۇسىيە ئارمىيەسى توپ ئېتىپ رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان قوراللىقلارنى يوقاتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 17:54

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 12-يانۋار مۇنۇلارنى جاكارلىدى: رۇسىيە ئارمىيەسى سۇرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ئۆلكىسىگە لازېر نۇردىن ياسالغان توپ ئېتىپ، نىشانغا دەل زەربە بېرىپ، بارلىق قوراللىقلارنى يوقاتتى. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە رۇسىيە ئارمىيەسى بۇندىن بۇرۇن تەكشۈرگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىسكىلاتىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. بىراق رۇسىيە ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ كونكرېت يولغا قويۇلۇش ۋاقتىنى ئاشكارىلىمىدى.