تىرامپ ھايتى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قىلغان سۆزلىرىنى ئىنكار قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 18:05

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 12-يانۋار تىۋىتتىردا ھايتى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قىلغان سۆزلىرىنى ئىنكار قىلدى.

تىرامپ شۇ كۈنى تىۋىتتىردا مۇنداق دېدى: 11-يانۋار «بالىلىق چاغلىرىدا ئامېرىكىنى كەمسىتكەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش» پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا مەن ھەقىقەتەن قوپال سۆزلەرنى قىلدىم بىراق ھايتى يەنىلا ئىنتايىن نامرات دۆلەت دېگەندىن باشقا مەن ھايتىلىقلارنى پەس كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلمىدىم.

تىرامپ «قوپال» سۆزلەرنىڭ كونكرېت نېمىگە قارىتىلغانلىقىنى ئىزاھلىمىدى، ھايتى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندا «گەندە ئازگىلى» دۆلەتلىرى دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان قىلمىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرمىدى.