گېرمانىيەنىڭ كابىنېت تەشكىللەش سىناق خاراكتېرلىك سۆھبىتىدە ھەر قايسى تەرەپلەر بىردەكلىك ھاسىل قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 18:07

گېرمانىيە ئىتتىپاق پارتىيەسى بىلەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كابىنېت تەشكىللەش مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سىناق خاراكتېرلىك سۆھبىتىدە 12-يانۋار بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى ھەمدە سىناق خاراكتېرلىك سۆھبەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ھۆججىتى ئېلان قىلىندى.

ئىككى تەرەپ 11-يانۋار ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سۆھبەت 12-يانۋار ئاياغلاشتى. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسلىرى جەھەتتە بىر بىرىگە يول قويدى.

ھەر قايسى تەرەپلەر كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار سىياسىتى ۋە مالىيە سىياسىتى جەھەتتە ئۇزاق كېڭەشتى. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ھۆججىتىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ھەر يىلى گېرمانىيە قوبۇل قىلىدىغان مۇساپىرلارنىڭ سانىنى 180 مىڭدىن 220 مىڭ ئەتراپىدا چەكلەش، قىسمەن مۇساپىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كېلىپ جەم بولۇش ھوقۇقىغىمۇ قاتتىق چەك قويۇش، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى تېخىمۇ چىڭىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.