پەلەستىن ئىسرائىلىيەنى يەھۇدىي مەھەللىسىنى ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ھەر قانداق ھەرىكەتنى ئۆز ئالدىغا قوللانماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 18:10

پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنى يەھۇدىي مەھەللىسى مەسىلىسىدە يەھۇدىي مەھەللىسىنى ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ھەر قانداق ھەرىكەتنى ئۆز ئالدىغا قوللانماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى رۇدەينا شۇ كۈنى باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە بۇ مەسىلىدە ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا، رايون ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ ۋە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىدىكى خەلقئارانىڭ تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ. يەھۇدىي مەھەللىسى مەسىلىسى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئاساسلىق توسالغۇ. ئىسرائىلىيە 1967-يىلى كەڭ كۆلەمدىكى پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئىگىلىۋېلىنغان زېمىنغا يەھۇدىي مەھەللىسى سېلىشنى باشلىغان ئىدى.