ئىراق ئەمەلدارى: ئىراقنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا 88 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كېتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 18:11

ئىراقنىڭ پىلان مىنىستىرى سالام جۈمەرى تۈنۈگۈن كۇۋەيتتە: ئىراقنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا 88 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كېتىدۇ دېدى. جۈمەرى شۇ كۈنى كۇۋەيتنىڭ پايتەختى كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىراقنى قايتا قۇرۇش خەلقئارالىق يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ مەبلەغ ئىراقنىڭ يېقىنقى يىللاردا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن جەڭ قىلىش جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان قۇرۇلۇشلارنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئىراق پىلان مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى قۈسەي ئابدۇل فاتاخ يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراقنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن تەخمىنەن 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ، تەخمىنەن 66 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئوتتۇرا مەزگىللىك مەبلەغ كېتىدۇ.