رۇسىيە ئاممىسى ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 18:12

12-فېۋرال، رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا، ئامما ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاندا قازا قىلغان يولۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى، بۇندىن بۇرۇن رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىن ھۆكۈمەتتىن بۇ قېتىمقى ھاۋا ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس كومىتېت تەشكىللەشنى تەلەپ قىلغان. رۇسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پىسكوۋ 12-فېۋرال مۇنداق دېدى: پۇتىن بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى، ھاۋا ھادىسىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلدى. رۇسىيەلىك تەكشۈرۈش خادىمى مۇنداق دېدى: بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىككى قارا قۇتىسى تېپىلدى، بىراق ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى رۇسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرسەتكەن بىر قېتىملىق يىغىندا مۇنداق دېدى: بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەشكە ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن، مىنىستىرلىقىمىز ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن DNA ئەۋرىشكىسى ئالىدۇ.