تىرامپ ھۆكۈمىتى 2019- مالىيە يىلىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ خامچوت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 18:13

تىرامپ ھۆكۈمىتى 12-فېۋرال ئامېرىكا پارلامېنتىغا 2019-يىللىق مالىيە يىلىدىكى قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە خامچوت دوكلاتىنى سۇندى.

دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە: قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ 2019- مالىيە يىلىدىكى خامچوت ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىللىيون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. بۇ دوكلاتقا ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى 2019- مالىيە يىلىدا 716 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەقسىم قىلىشىغا بۆلۈپ بەرگەن خامچوت 686 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. چېگرا باشقۇرۇش جەھەتتە، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدىكى پاسىل تامنى ياساش، چېگرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى كۆپەيتىش ھەمدە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان تۇتۇپ تۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن، قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى 23 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىشنى پىلانلىدى. قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى يەنە 13 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ ئەپيۈن تۈرىدىكى زەھەرلەرنىڭ يامراپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى يەنە كەلگۈسى ئون يىلدا 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشنى پىلانلىغان.