ئابباس: ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە ياراشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينىشىنى رەت قىلىمىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 18:13

پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 12-فېۋرال مۇنداق دېدى: پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ يەككە ياراشتۇرغۇچى بولۇشىنى رەت قىلىمىز. رۇسىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئابباس 12-فېۋرال كەچتە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. ئابباس مۇنداق دېدى: تىرامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى باشقارمىسىنى تاقاپ، ئېرۇسالمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشتەك بىر يۈرۈش تەدبىرلىرى پەلەستىنلىكلەرنى تاڭ قالدۇردى. پەلەستىن ئامېرىكىنىڭ تەدبىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە يەككە ياراشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينىشىنى رەت قىلىدۇ.