ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئون مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرنى ئىيوردانىيەدىن كۆچۈرۈشنى پىلانلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 18:14

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي خادىمى گىراند 12-فېۋرال ئىيوردانىيەدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئون مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرنى ئىيوردانىيەدىن يۆتكەشنى پىلانلىدى، ئامېرىكا، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى كۆپەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. گىراند شۇ كۈنى ئىيوردانىيەنىڭ شىمالىدىكى سۇرىيە چېگراسىغا يېقىن زاتالى مۇساپىرلار لاگېرى قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ زاتالى مۇساپىرلار لاگېرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: سۇرىيەدىكى ئۇرۇش سەككىزىنچى يىلىغا قەدەم قويدى، سۇرىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچارلاشقانلىقتىن مۇساپىرلار يۇرت ماكانلىرىغا قايتالمىدى. گىراند خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەرگە بېرىدىغان ياردەمنى داۋاملىق ئاشۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.