ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلەشمەكچى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-12 10:23

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سودىنى باشقۇرغۇچى ئەزاسى سەيسىلىيە مارمۇستىرون 10-مارت، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بىجى ئىلىش سىياسىتى توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت قىلىنغان پولات ۋە ئاليۇم مەھسۇلاتلىرىدىن يۇقىرى تاموژنا بىجى ئىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا مۇنداق دېدى: تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ كونكرېت تەرتىپى تېخى ئېنىق ئەمەس، كېيىنكى ھەپتە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن داۋاملىق مۇزاكىرىلىشىمىز.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ يېقىندا، ئىمپورت قىلىنغان پولات تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىدىن %25 تاموژنا بىجى ئالىدىغانلىقىنى، ئىمپورت قىلىنغان ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن %10 تاموژنا بىجى ئالىدىغانلىقىنى تاموژنا بېجىنىڭ 23-مارتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كانادا بىلەن مېكسىكىنىڭ تاموژنا بىجى ۋاقتىنچە كەچۈرۈم قىلىندى. بۇ، ئەڭ يېڭى سودا ھامىيچىلىقى تەدبىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت ئىچى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.