ما پىيخۇا چېلىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى پېنىرا ۋە ۋەزىپىسىدىن قالغان زۇڭتۇڭى باچىلىت بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-12 18:27

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما پىيخۇا 11-مارت چېلى پارلامېنتى تۇرۇشلۇق جاي ۋاليارايسودا چېلى زۇڭتۇڭىنىڭ ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە تاپشۇرۋىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە 10-مارت پايتەخت سانتىياگودا چېلىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى پېنىرا ۋە ۋەزىپىسىدىن قالغان زۇڭتۇڭى باچىلەيت بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى.

ما پىخۇا پېنىرا بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىزغىن تەبرىكىنى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. ماپىيخۇا مۇنداق دېدى: جۇڭگو چىلىنى باشتىن ئاخىرى لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئالدىن ھەمكارلىشىدىغان شېرىكى دەپ قاراپ كەلدى، ھەمدە چىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاۋۋالقىدەكلا ئىستىراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسى بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، چىلى بىلەن بىرلىكتە، ئومۇميۈزلۈك ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چېلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيتىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

پېنىرا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتكەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ھەمدە ماپىيخۇاغا رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. پېنىرا، جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ھەمدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىگە يېتەكچىلىك قىلىپ تېخىمۇ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ماپىيخۇا باچىلىت بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇنىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ھەمدە باچىلەيتنىڭ جۇڭگو بىلەن چېلى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى.