ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دىققىتى جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ مۇساپىسىگە مەركەزلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-12 18:28

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

11-مارت، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئاساسى قانۇن تۈزىتىلمە لايىھەسى ماقۇللاندى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئاساسى قانۇن تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر مۇھىم نامايەندە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسدىكى تارىخى خاراكتېرلىك پەيت بولۇپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى سەھىپە يېزىپ قالدۇرىدۇ.

چەتئەللەرنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگونىڭ بۇ تەدبىرى دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بىرما خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقنىڭ دەۋر تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەڭ يېڭى تىرىشچانلىقى بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم قەدەم تاشلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى سەھيىپىسىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.

كامبودژا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگونىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشكە، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

ۋىيېتنام ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ۋە خەلقئارا تەرەققىيات مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى مۇنداق دېدى: مەن، جۇڭگو 2020-يىلغا بارغاندا تۇنجى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ دەپ قارايمەن. جۇڭگونىڭ %6.5 دىن يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاپ كەلگەنلىكى كىشىلەرنىڭ ئاپىرىن ئېيتىشغا ئېرىشتى.