ئالجىرىيە ئافرىقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنىنى ئۆتكۈزمەكچى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-12 18:28

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

ئالجىرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللا، قادىر.ماساخىل11-مارت، ئالاجىرىيەنىڭ 4-ئايدا ئافرىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى توغرىسىدا قانۇن تۇرغۇزۇش ئىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، ھەمدە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولى توغرىسىدىكى پىكىرنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئافرىقا رايونىدىكى تېررورچى تەشكىلاتلار تۇتقۇنلاردىن پايدىلىنىپ پۇل ئۈندۈرۈپ، پۇل يۇيۇش، دۆلەت ھالقىغان ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكىدىن پايدىلىنىپ مەبلەغكە ئىگە بولماقتا ھەمدە ئۇنى تېررورلۇق ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكتە، ئافرىقا ئەللىرى قول تۇتۇشۇپ تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ مەبلەغكە ئىگە بولۇش مەنبىينى تەلتۆكۈس ئۈزۈپ تاشلىشى كېرەك.