سەئۇدى ئەرەبىستانى مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى زورايتماقچى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-12 18:29

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى سالمان 11-مارت، مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى زورايتىش توغرىسىدا بۇيرۇق ئېلان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ باش تەپتىشى سائۇد مىجىت مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان پارخورلارغا، چىرىكلەشكەنلەرگە ۋە دۆلەتنىڭ مۈلكىنى يۇتۇۋېلىش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەت بىنا سالمان رەئىسلىكىدىكى ئالى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. خان جەمئىيىتى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 دىن كۆپرەك كىشى قولغا ئىلىندى. نۆۋەتتە يەنە نەچچە ئون كىشى تۈرمىگە قاماپ قويۇلدى، ئۇلار ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىدۇ.