كىۋىنرود: جۇڭگو ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ۋە ئىشىكنى ئېچىۋەتكەن 10 يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىدا ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-16 17:39

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى، ئامېرىكا ئاسىيا جەمئىيىتى سىياسەت تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى كىۋىنرود 14-ئاپرىل مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلاھات ئىلىپ بارغان ۋە ئىشىكنى ئىچىۋەتكەن 40 يىلدا كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قالتىس بولغىنى نەچچە يۈز مىليون جۇڭگولۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. كىۋىنرود شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن فىلادىلفىيە شەھرىدە ۋاخارتون جۇڭگو ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلى بىلەن تارىخى مەدەنىيەتنى ئۆگەنگەن پېشقەدەم كادىر ئىكەنلىكىنى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ جۇڭگوغا ئىلىپ كەلگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلىرنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خەنزۇ تىلىدا راۋان ھالدا مۇخبىرغا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئېغىزدا دېمەك ئاسان، قىلماق ئىنتايىن قېيىن ئىش دېدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودىكى 700 مىليوندىن كۆپرەك كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرگەن قالتىس نەتىجىسى، جۇڭگولۇقلار بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشى كېرەك.