ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنى، خىمىيەۋى قۇراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-16 17:40

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى 15-ئاپرېل، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيەنىڭ خىمىيەۋى قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. بىر كۈن داۋاملاشقان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى شۇ كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرقىدىكى شەھەر زەخلاندا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن كىيىن ئېلان قىلىنغان يېپىلىش خىتاپنامىسىدا مۇنداق دېيىلدى: بىز، غەرب ئەللىرىنىڭ سۇرىيەگە قارتا قوللانغان ھەرىكىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتىمىز. بىز سۇرىيە خەلقىگە خىمىيەۋى قوراللارنى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىمىز. خىتاپنامىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىمىيەۋى قۇراللار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشى مۇراجىئەت قىلىندى. خىتاپنامىدا، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىنىڭ زورورلۇكى قايتا تەكىتلەندى.