ئىراق پۇقرالىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ،ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ سۇرىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-16 17:41

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىراقتىكى نەچچە مىڭ پۇقرا 15-ئاپرېل پايتەخت باغدادتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ سۇرىيەگە قوراللىق زەربە بەرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن، يىغىلىش پائالىيىتى باغداد شەھەر مەركىزىدىكى ئازاد مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىران پۇقرالىرى ئىراق بىلەن سۇرىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكىغا ياق دەيمىز. ئامېرىكا دېموكراتىيەنى باھانە قىلىپ سۇرىيە خەلقنى قىرغىن قىلماقتا دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ سۇرىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى شىيىخ خۇسەيىن، سائىدى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ سۇرىيەگە قوراللىق زەربە بېرىشى ئاپئاشكارە تاجاۋۇزچىلىق بولۇپ، خەلقئارا قانۇنغا ۋە ئىنسانپەۋەرلىك مىزانىغا خىلاپ.