سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى يۆتكىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-16 17:42

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى سالمان 15-ئاپرېل ئەرەپ ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى تۆتكىشىنى تەنقىد قىلىپ، ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ مىراسلىرىنى قوغداشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، شەرقىي يېرۇسالېمغا 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېرۇسالىمنىڭ ئورنى مەسىلىسى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلاردىكى ئەڭ چوڭ تېمىلارنىڭ بىرى. ئىسرائىلىيە 1967-يىلى 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كىيىن شەرقىي يېرۇسالېمنى يۇتۇۋالغان، ھەمدە پۈتۈن يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان پايتەختى دەپ جاكارلىغان. پەلەستىن، شەرقىي يېرۇسالىمنى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى قىلىشنى قەتئىي تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.