مەيشىرى: لىۋىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشى زۆرۈر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-16 17:43

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

لىۋىيە مىللى ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەت سوراش ئورگىنى بولغان ئالى دۆلەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەيشىرى 15-ئاپرېل، لىۋىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈردى. لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئۇيۇشتۇرغان، لىۋىيە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى شۇ كۈنى تىرىپولىدا ئېچىلدى. چەتئەللەردىن كەلگەن ئوننەچچە ئۆمىكىنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى يىغىنغا قاتناشتى. مەيشىرى يىغىندا مۇنداق دېدى: قوراللىق ۋاسىتە ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۇپايە قىلمايدۇ. تېررورچىلىقنىڭ يامرىشىدا ئۇنىڭ ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت سەۋەبى بار، ئۇندىن باشقا، باشقا جەھەتلەردىن تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.