مېركېل: ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن 28 يىلدىن كېيىن، شەرقىي بىلەن غەرب تەرەپتە يەنىلا تەرەققىيات پەرقى ساقلانماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-16 17:44

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 15-ئاپرېل مۇنداق دېدى: گەرچە گېرمانىيە بىرلىككە كەلگىنىگە 28 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق شەرق بىلەن غەرب قىسىم ئىشتاتى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا قۇرۇلما خاراكتېرلىك پەرق ساقلانماقتا، ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. مېركېل زۇڭلى تور بېكىتىدە شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ۋېدىيودا مۇنداق دېدى: شەرقىي قىسىم فېدېراتسىيە شىتاتىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى غەربىي قىسىمنىڭ تەخمىنەن %73 گە توغرا كېلىدۇ، مالىيە باج كىرىمىمۇ غەربى قىسىمدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ پەن تېخنىكا، چوڭ كارخانىلارنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشسىزلىق قاتارلىق جەھەتلەردىن غەربى قىسىم ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تەڭلەشتۈرۈش ئۈستىدە چارە ئىزدىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.