ئىسرائىلىيە تۈركىيەنىڭ ئېرۇسالىمدىكى باش كونسۇلىنى قوغلاپ چىقاردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:13

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 15-ماي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تۈركىيەنىڭ ئېرۇسالىمدىكى باش كونسۇلىنى قوغلاپ چىقاردى. شۇ كۈنى بۇنىڭدىن بۇرۇنراق تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 15-ماي غەززەدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتقان ھەمدە ئېتىراز بىلدۈرگەن، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسىدىن «تۈركىيەدىن بىر مەزگىل ئايرىلىش»نى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىن ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ ئېرۇسالىمدىكى باش كونسۇلىنى چاقىرتقان ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىسرائىلىيەدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 15-ماي بايانات ئېلان قىلىپ: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى دېگەن.