پۇتىن قىرىم چوڭ كۆۋرۈكى ئاپتوموبىل يولىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:14

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 15-ماي رۇسىيە كراسنودار چېگرا رايونى بىلەن قىرىم ئارىلىنى تۇتاشتۇرىدىغان قىرىم چوڭ كۆۋرۈكى ئاپتوموبىل يولىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە بۇ «تارىخىي خاراكتېرلىك» بىر كۈن بولدى دەپ تەرىپلىدى.

2014-يىلى 16-مارت، قىرىم بىلەن سېۋاستوپول شەھىرى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاۋاز بەرگۈچى ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى قوللىغان ئىدى. 18-مارت پۇتىن ئىككى جاينىڭ ۋەكىللىرى بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، قىرىم بىلەن سېۋاستوپولنىڭ فېدېراتسىيە گەۋدىسى سالاھىيىتىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇلۇشىغا رۇخسەت قىلغان. ئۇكرائىنا يۇقىرىقى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى ئېتىراپ قىلمىدى، قىرىم بىلەن سېۋاستوپول شەھىرىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىغا قارشى تۇردى، غەرب بۇ سەۋەبتىن رۇسىيەنى ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالىدى.