ياۋروپا ئىتتىپاقى «كۆپ قاتلاملىق كېڭىشىش» ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىغا تاقابىل تۇرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:15

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى مۇغرىنى 15-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جازالاشنى قايتىدىن باشلاشتىكى قىيىن مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدۇ شۇنداقلا كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتىدە ئىراننىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى بىلەن چوڭقۇر قاتلاملىق كېڭىشىدۇ.

مۇغرىنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالاشنى قايتىدىن باشلاش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتىدە ياۋروپا ئىران بىلەن ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ زىچ سۆزلىشىشىنى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.