پەلەستىننىڭ «بالايى ئاپەت كۈنى»دە نۇرغۇن جايلاردا يەنە توقۇنۇش يۈز بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:16

پەلەستىننىڭ 70-«بالايى ئاپەت كۈنى»يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پەلەستىن ئاممىسى 15-ماي نۇرغۇن شەھەرلەردە ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ھەمدە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتى، توقۇنۇشتا پەلەستىنلىك ئىككىيلەننى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئېتىۋەتتى، 160تەك كىشى يارىلاندى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رامئاللاھ، نابلۇس قاتارلىق جايلاردا، پەلەستىنلىكلەر ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدە ئىسرائىلىيە ھەربىي ۋە ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.