كورېيە چاۋشيەننىڭ جەنۇب-شىمال يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتقانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:17

چاۋشيەننىڭ 16-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان جەنۇب-شىمال يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى توختاتقانلىقىغا قارىتا، كورېيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى بۇنىڭدىن ئەپسۇسسلانغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە چاۋشيەننىڭ ئۆز ئالدىغا سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈشى كورېيە-چاۋشيەن باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلىنغان «پانمۇنجوم خىتابنامىسى»نىڭ تۈپ روھىغا خىلاپ دېدى.

كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ «پانمۇنجوم خىتابنامىسى»نى قەتئىي ئىجرا قىلىش ئارزۇسى بار، چاۋشيەننى سۆھبەتكە بالدۇرراق ئىنكاس قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. چاۋشيەن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، كورېيە بىلەن چاۋشيەنمۇ داۋاملىق سۆزلىشىشى كېرەك.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «پانمۇنجوم خىتابنامىسى»نى ئىجرا قىلىپ ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تەرەققىي قىلغان، شىمال-جەنۇب مۇناسىۋىتى ۋە يېرىم ئارالنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كورېيە ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن زىچ كېڭىشىپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.