ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى: ئامېرىكا-چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:18

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى نولتې 15-ماي مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئامېرىكا-چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ سىنگاپوردىكى ئۇچرىشىشىغا داۋاملىق تەييارلىق قىلماقتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋىتىدە ناھايىتى ياخشى ئالامەتلەر كۆرۈلدى، چاۋشيەنمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئامېرىكىلىق ئۈچ پۇقرانى قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئىجابىي تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئامېرىكا چاۋشيەن بىلەن كورېيەنىڭ مانېۋىر ياكى ئامېرىكا-چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى خەۋىرىنى ئاڭلىمىدى، ئامېرىكا خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنى دەلىللەيدۇ، بىراق ئۇ چاۋشيەن رەھبىرىنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكا-كورېيە مانېۋىرىنى چۈشۈنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى ساندېس يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ ئىپادىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ ھەمدە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىدۇ.