ئامېرىكا چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش پەيتىدە، سىنگاپور كورېيەلىك مۇخبىرىنى قايتۇرۋەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-11 16:32

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

سىنگاپور ساقچى تەرەپنىڭ 10-ئىيۇن ئىسپاتلىشىچە، كورېيە رادىيو شىركىتىنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرىنى، سىنگاپورنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ تۇرالغۇسىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگەن دېگەن سەۋەب بىلەن قايتۇرۋەتكەن. ئامېرىكا چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ 12-ئىيۇن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن، سىنگاپور ئامانلىق قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى. سىنگاپورنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قوشۇمچە قانۇن مىنىستىرى شاڭ مۇگېن 10-ئىيۇن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ھازىرغىچە تېخى تەھدىتكە ئۇچرىمىدى. شاڭ مۇگېن 10-ئىيۇن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى : سىنگاپور تەرەپ يېقىندا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 9-ئىيون، تاموژنا خادىملىرى بىر ئەرنىڭ يانفونىنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ يانفون ئارقىلىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىدىغان بومبا ئۇچۇرلىرىنى ئىزدىگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئەر رايون دۆلىتىدىن كەلگەن.