بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، سۇرىيەنىڭ ئىدرىف ئۆلكىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىغا قاتتىق دىققەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-11 16:32

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس 10-ئىيۇن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيەنىڭ ئىدرىب ئۆلكىسىدىكى كىچىك بازار زەردەنانىڭ 7- ۋە 8-ئىيۇن كەچتە ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىغا ھەمدە ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنىڭ يۇز بەرگەنلىكىگە قاتتىق دىققەت قىلدى. گۇتېرىس ھاۋا ھۇجۇمى ۋەقەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى، بولۇپمۇ نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئەيىبلىدى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.