ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قېلىشىنى قوللىغۇچى گۇرۇھ بولغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى باش ۋەزىرنى ۋاقتىنچە قوللىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-11 16:33

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىدا قېلىشىنى ۋە يەككە بازار قېلىپنى قوللايدىغان ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى بىر تۈركۈم ئەزالىرى 9 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: باش ۋەزىر تېرىسسا ماينىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋرىنىشكە ئۇچرىشىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى گۇرۇھنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، پارلامېنت كېلەر ھەپتە بىر قانچە مۇھىم بىلەت تاشلاشتا ئۇنى قوللايدۇ. ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى كېلەر ھەپتە ئاۋازغا قويىدىغان كۆپ تۈرلۈك تەكلىپنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، بۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىدا قىلىش قالماسلىقى ۋە پارلامېنتنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش توغرىسىدىكى سۆھبەت قاتارلىق ئىشلارنى توختىتىش ياكى ئۇزارتىشنى قارار قىلىش ھوقۇقىغا چېتىلىدۇ.