باغداددا ئىراق خەلق پارلامېنت سايلىمىغا بېرىلگەن ئاۋاز ساندۇقى ساقلانغان ئىسكىلاتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-11 16:33

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى 10-ئىيۇن مۇنداق دېدى : ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئالدىنقى ئايدا مىللىي پارلامېنت سايلىمىنىڭ قىسمەن بېلەت تاشلاش ساندۇقى ساقلانغان ئۈچ ئىسكىلاتتا شۇ كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ بىر ئەربابى مۇنداق دېدى : ئىراق مۇستەقىل ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ باغداد شەھەر مەركىزىگە يېقىن بولغان ئۈچ ئىسكىلاتىدا 10-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، بۇ ئامباردا باغداد تىگرىس دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغاق رايونىدىكى سايلام بېلىتى ساندۇقى ۋە ئېلېكتىرونلۇق بېلەت ھېسابلاش ئۈسكۈنىسى ساقلانغان ئىدى.