يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قۇسەي قوراللىق تەشكىلات شىددەتلىك جەڭ قىلدى، ئۇرۇشتا 40 كىشى قازا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-11 16:34

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

يەمەننىڭ يەرلىك سەھىيە ئەمەلدارى 10-ئىيۇن مۇنداق دېدى : يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يەمەننىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۆپلىگەن جايلاردا يۈز بەرگەن كەسكىن ئېتىشىشتا 40 ئادەم قازا قىلدى، نەچچە ئون ئادەم يارىلاندى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر سەھىيە ئەمەلدارى شۇ كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى : ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى بۇ ئۆلكىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا كەسكىن ئېتىشتى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ 7 نەپەر ئەسكىرى ۋە قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ33 ئادىمى ئېتىپ تاشلاندى.