تىرامپ ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچى نامزاتىنى كۆرسەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 10:57

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 9-ئىيۇل مۇنۇلارنى جاكارلىدى: كاۋانونى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىلىقىغا كۆرسىتىمەن. بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن كاۋانو يېرۇسالېم ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، قانۇنشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە، ئۇ ئىلگىرى باش سوتچى كىنىدىنىڭ ياردەمچىسى بولغان، كىچىك بوش ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئاقساراينىڭ كاتىپى بولغان، 2006-يىلىدىن باشلاپ، كولومبىيە ئالاھىدە رايونى فېدېراتسىيە سەييارە شىكايەت سوت مەھكىمىسىدە سوتچى بولغان، ئۇنىڭ كونسېرۋاتىپلىق مەيدانى ئېنىق.

تەرتىپ بويىچە كاۋانونى نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشى كېرەك، ئەمما كۆپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسىلا ماقۇللىنىدۇ.