تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى لو شۇ گاڭ بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 12:43

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئىيۇل تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى لو شۇ گاڭ بىلەن كۆرۈشتى.

لو شۇ گۇاڭ ئەردوئانغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەبرىكى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. تۈركىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى خالايدۇ.

ئەردوئان رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، لو شۇ گاڭندىن ئۆزىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە گۈزەل تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۆتۈندى. ئەردوئان مۇنداق دېدى: تۈركىيەمۇ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئوخشاشلا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.