تۈركىيە زۇڭتۇڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 12:43

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان 9-ئىيۇل ئەنقەرەدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى.

ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئەردوئان سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تۈركىيەنىڭ سىياسىي گەۋدىسى پارلامېنتلىق تۈزۈمدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆزگىرىدۇ. تۈركىيە يېڭى دەۋرگە كىردى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئىقتىساد زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىدۇ بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى كۈچەيتىدۇ ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىنى ياخشىلايدۇ.

شۇ كۈنى كەچتە، ئەردوئان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. يېڭى كابىنېت زۇڭتۇڭ، بىر نەپەر مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ۋە 16 نەپەر مىنىستىردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، فۇئاد ئوكتاي مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەندى، چاۋۇش ئوۋلۇ داۋاملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولدى.