تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 12:54

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىكلەر ھەمكارلىقى مۇنبىرى تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ ئېكاتىرىنبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يەرلىكلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرى تارىبوف سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو رۇسىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلىدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى زور نىسبەتتە ئاشتى، پۈتۈن يىلدا 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىدىن ئۈمىد بار. رۇسىيەدىكى 20 نەچچە فېدېراتسىيە گەۋدىسىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى يەرلىكلەر ھەمكارلىقى مۇنبىرىگە قاتنىشىپ، رۇسىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

مۇنبەردە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى يەنە جۇڭگو-رۇسىيە پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى ئىتتىپاقى قۇرۇشقا ئالاقىدار ھۆججەت ھەمدە جۇڭگو-رۇسىيە سانائەت پەنلىرى مەكتەپلىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.