تىرامپ ھەربىي خىراجەت ۋە ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى ھەققىدە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنى تەنقىدلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 12:55

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ تۈنۈگۈن ھەربىي خىراجەت ۋە ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى ھەققىدە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنى يەنە بىر قېتىم تەنقىدلەپ: ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ھەربىي راسخوتىنى ئۈستىگە ئالماقتا دەپ قارىدى.

ئاق ساراي مۇخبىرلار ئۆمىكى تەمىنلىگەن نەق مەيدان خاتىرىسىگە قارىغاندا، تىرامپ شۇ كۈنى بريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىش ئالدىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مۇداپىئە مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوشقان تۆھپىسى كۆپ، ئاز دېگەندىمۇ 70 پىرسەنت چىقىمىنى ئۈستىگە ئالماقتا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ناھايىتى ئاز بەدەل تۆلىدى، مەن بۇ قېتىم بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىمەن.

تىرامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا ئۇچرىشىدۇ. تىرامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ۋە ئەنگلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن كەينى-كەينىدىن ئىستېپا بېرىشى سەۋەبلىك قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالغان ۋەزىيەتكە سېلىشتۇرغاندا رۇسىيە بۇ قېتىمقى سەپىرىمدىكى ئەڭ ئاددىي بىر مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشى يامان ئىش ئەمەس، بىراق مەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ رەقىبىم ياكى دوستۇم ئىكەنلىكىگە بىر نېمە دېيەلمەيمەن، بۇنىڭغا پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندىكى ئەھۋالغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.