لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى بىلەن بىرلىكتە 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو گېرمانىيە ئىقتىساد تېخنىكىسى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 12:58

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 9-ئىيۇل كەچتە، بېرلىندىكى ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بىللە 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو گېرمانىيە ئىقتىسادى تېخنىكا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن زۇڭلى مېركېل بىلەن 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈپ، جۇڭگو گېرمانىيە ھەمكارلىقى، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداشتىكى ئىزچىللىق بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇقىملىق ئاتا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدۇق.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىقى ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن سودىغا مەبلەغ سېلىش مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، «نۆل يىغىندىلىق تىركىشىش» تەك كونا تەپەككۇردە چىڭ تۇرۇۋېلىپ، خالىغانچە سودا ماجىراسى تۇغدۇرساق، ئالاقىدار ئىككىلا تەرەپكە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەر شارى كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ زىيان سالىمىز. بىزنىڭ تۈرلۈك خېيىم خەتەر خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە سودا قورۇقچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئادىل، ئوچۇق،ئاشكارا رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، كۆپ مەنبەلىك بازارنى كېڭەيتىش، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىش، مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

شۇ كۈنى، لى كېچياڭ مېركېل بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو گېرمانىيە شوپۇرسىز ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى پائالىيىتىگە قاتناشتى.