سودا مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئوپتىك تالالىق تاياقچىدىن داۋاملىق تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى باج ئالىمىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 12:58

سودا مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018-يىلى 11-ئىيۇلدىن باشلاپ ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئوپتىك تالالىق تاياقچىدىن داۋاملىق تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى باج ئالىمىز، يولغا قويۇش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان يەككە مودېللىق ئوپتىك تالانىڭ قايتا تەكشۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە تۆكمە قىلىپ سېتىلغانلىقىغا كېسىم چىقاردۇق. 2018-يىلى 11-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىمپورت تىجارەتچىلىرى ئامېرىكىدىن يەككە مودېللىق ئوپتىك تالانى ئىمپورت قىلغاندا كېسىمدە بېكىتىلگەن شىركەتلەرنىڭ %33.3 تىن %78.2 كېچە بولغان تۆكمە قىلىپ سېتىش دەرىجىسى بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنىسىغا مۇناسىپ تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى باج تاپشۇرۇشى كېرەك.