فۇكىت ساياھەت كېمىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 45 كە يەتتى مەسئۇلىيەت داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈلمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 13:01

تايلاند فۇكېت ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى نوراپا 10-ئىيۇل قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تايلاندنىڭ قۇتقۇزغۇچىلىرى بېلىقچىلارنىڭ ياردىمىدە يەنە ئۈچ جەسەتنى بايقىدى، ئۇلارنى ئاساسىي جەھەتتىن پاراخوت ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار دەپ جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ھازىرغىچە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 45 كە يەتتى، ئىككى ئادەمنىڭ يەنىلا ئىز دېرىكى يوق. قازا قىلغۇچىلار ۋە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر.

نوراپا يەنە مۇنداق دېدى: تېپىلغان جاي، جەسەتنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا يېڭىدىن تېپىلغان ئۈچ جەسەتنىڭ < سۇمۇرغ> ناملىق ساياھەت پاراخوتىدا قازا قىلغانلار ئىكەنلىكىنى ئاساسەن جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ. كونكرېت سالاھىيىتىنى يەنىلا ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ پەرقلەندۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.