جۇڭگو ۋەكىلى: جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوللىيالايدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 17:11

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يۈ جيەنخۇا 10-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يەرشارى مىقياسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدىكى رەت تەرتىپى پائال ئۆزگەرمەكتە، بۇ جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تامامەن قوللىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۈ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا، تەرەققىياتقا بولغان يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەش ئىقتىدارى بار، ئۆتكەن 40 يىلدا جۇڭگونىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ھەمدە جۇڭگونىڭ يەرشارى مىقياسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدىكى پائال ئۆزگىرىشى بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. ناۋادا بەزىلەر تېخنىكىنى مونوپول قىلىپ، ئىش تېرىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بېسىم ئىشلەتمەكچى بولسا مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ.