ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېرىترېيە بىلەن ئېفىيوپىيەنىڭ نورمال مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى قارشى ئالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 17:11

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 10-ئىيۇل تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ: ئېرىترېيە بىلەن ئېفىيوپىيەنىڭ نورمال دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ تەدبىرى تارىخىي زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، ئافرىقا تۇمشۇقى ھەتتا ئۇنىڭ سىرتىدىكى رايونلارغا چوڭقۇر ۋە پائال تەسىر كۆرسىتىدۇ. باياناتتا ئىككى دۆلەتنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىشى قارشى ئېلىندى، ئېرىترىيەنىڭ شەرقىي ئافرىقا ھۆكۈمەتلەر ئارا تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىشى ئۈمىد قىلىندى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتنى ئىزچىللاشتۇرۇشىنى قوللاشنى خالايمىز، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.