كانادا ئۆزىنىڭ ش ئا ئە ت نىڭ لاتۋىيەدە تۇرۇشلۇق كۆپ دۆلەت ئۇرۇش قىلىش لاگېرىغا رەھبەرلىك قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 17:12

لاتۋىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كانادا زۇڭلىسى تىرۇدو 10-ئىيۇل رىگادا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: كانادا ئۆزىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لاتۋىيەدە تۇرۇشلۇق كۆپ دۆلەت ئۇرۇش قىلىش لاگېرىغا رەھبەرلىك قىلىش مۇددىتىنى 2023-يىلىغىچە ئۇزارتىدۇ.

لاتۋىيە زۇڭتۇڭى ۋېيونىس ئارقىدىن تىرۇدو بىلەن سۆھبەتلەشكەندە كانادانىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2016-يىلى ئىيۇل، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى كانادانىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى زورايتىشنى قارار قىلىپ، پولشا، لىتۋا، ئېستونىيە ۋە لاتۋىيەدىن ئىبارەت تۆت لاگېرغا كۆپ دۆلەت قىسمى ئورۇنلاشتۇرغان، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە كانادا تۇرۇشلۇق ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايرىم-ئايرىم ئۈستىگە ئالغان.