رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى: ش ئا ئە ت نىڭ ئىچكى قىسمىدا كېلىپ چىققان ئىختىلاپ رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 17:14

رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوۋ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپ رۇسىيەنىڭ ئىشى ئەمەس، موسكۋا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئالاقە سەۋىيەسى خېلىلا چەكلىك.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەمدە تىرامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا پۇل ئاجرىتىشى يېتەرلىك بولمىدى دەپ تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۈچ دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس، بەلكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشى. بىزنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قانداق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىمىز ھەممەيلەنگە ئايان. مەزكۇر تەشكىلات سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى قارشىلىشىشنىڭ مەھسۇلى.