ئىران: ئامال بار كۆپرەك نېفىت ئېكسپورت قىلىمىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 10:11

ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى جاھانگىرى 10-ئىيۇل: ئامېرىكىنىڭ جازاسى ئىراننىڭ ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى، ئىران ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە، ئامال بار كۆپرەك نېفىت ئېكسپورت قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا تەلۋىلەرچە ئىقتىساد جېڭى قوزغىشى خاتا، دېدى.

جاھانگىرى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىرانغا تەلۋىلەرچە ئىقتىساد جېڭى قوزغىدى ھەمدە مۇشۇ باھانە بىلەن ئىراننىڭ دۆلەت ئىچىدە زىددىيەت تېرىدى. ئىران ئامېرىكىغا بۇنداق قىلىشنىڭ «خاتا» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ. ئامېرىكا قانداقلا بېسىم ئىشلەتسۇن، بىز نېفىت ئېكسپورت قىلىۋېرىمىز، خەلقئارا بازارنى ئامال بار كۆپرەك نېفىت بىلەن تەمىنلەيمىز.