جۇڭگودىن جەنۇبىي سۇداننىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشقا بارىدىغان تۆتىنچى تۈركۈم پىيادە ئەسكەرلەر باتالىيونى ئىنقىلابى قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 10:34

جۇڭگودىن جەنۇبىي سۇداننىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشقا بارىدىغان تۆتىنچى تۈركۈم پىيادە ئەسكەرلەر باتالىيونىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئۈلۈشكۈن قۇربان بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى يىل بۇرۇن جەنۇبىي سۇداننىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇربان بولغان سەپدىشى لى لېي، ياڭ شۇپېڭنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.

جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جۇباغا جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي سۇدانغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكىنىڭ باش ئىشتابىدىكى مەيدانغا ئېسىلغان تەزىيەنامىدە كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە قايغۇسى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، مېھمانلار، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى قۇربان بولغانلارنىڭ سۈرىتىگە تەرتىپ بويىچە گۈل قويدى، ھەممەيلەن تازىم قىلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ، بۇ ئىككى ئىنقىلابىي قۇربانغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇلارنى قايغۇ بىلەن ياد ئەتتى.

2016-يىلى 10-ئىيۇل جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار ئارىسىدا پايتەخت جۇبادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي سۇدانغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكىنىڭ باش ئىشتابى ئەتراپىدا قوراللىق توقۇنۇش پارتلىدى، ئىككى تەرەپ كەسكىن جەڭ قىلدى. جۇڭگودىن جەنۇبىي سۇداننىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشقا بارغان ئىككىنچى تۈركۈم تىنچلىقنى ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر باتالىيونىنىڭ 105-نومۇرلۇق ئۇرۇش ماشىنىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا توپ ئوقى تېگىپ كېتىپ، ماشىنىدىكى لى لېي، ياڭ شۇپېڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.